
作词 : Heliq
作曲 : Heliq
编曲 : EliyarH
يارنىڭ بېغىغا كىرسەم
ئالما تۈگمىدەك بوپتۇ
كۆڭلۈمدىكى شۇ يارىم ۋاي تاجىخان
قاراپ كۈلگىدەك بوپتۇ
ئۆرگىلەيمۇ دەردىڭدە ۋاي تاجىخان
چۆرگىلەيمۇ دەردىڭدە خېنىما
باغنىڭ ئارقىسى خامان
لەپ لەپ ئۇچىدۇ سامان
سىز خېنىمنىڭ دەتلەرى ۋاي تاجىخان
كۆيەك ئوتىدىن يامان
ئۆرگىلەيمۇ دەردىڭدە ۋاي تاجىخان
چۆرگىلەيمۇ دەردىڭدە ۋاي خېنىما
يارىم بارمىغان تويغا
مەن سورىماي بارالمايمەن
يارنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك ۋاي تاجىخان
چاي قۇيۇپ ئالالمايمەن
ئۆرگىلەيمۇ دەردىڭدە ۋاي تاجىخان
چۆرگىلەيمۇ دەردىڭدە خېنىما