
作词 : 无
作曲 : 无
مەلىكەم
…
سىنىڭمەنا سىنىڭمەن
سىنىڭ بولماي كىمنىڭمەن
قەشقەرنىڭ بازارىدىن
تاللىۋالغان يارىمسەن
ئاھ شىرىنجان مەلىكەم
يەنە شىرىنجان مەلىكەم
ئالما ئانارنىڭ جان بالىسى
جانىم مەلىكەم
بۈركۈت قۇشلار بىر كەلگەن
دەريا بويلاپ سەل كەلگەن
بۇ دۇنيادا بارمىدۇ
ئىككىمىزدەك دەل كەلگەن
…
مەن كەلدىم ئەلەم بىلەن
ئوينايمەن سېنىڭ بىلەن
بىللە بولغىن ئۆلگىچە
ئامىرىقىم مېنىڭ بىلەن
ئاھ شىرىنجان مەلىكەم
يەنە شىرىنجان مەلىكەم
ئالما ئانارنىڭ جان بالىسى
جانىم مەلىكەم
بۈركۈت قۇشلار بىر كەلگەن
دەريا بويلاپ سەل كەلگەن
بۇ دۇنيادا بارمىدۇ
ئىككىمىزدەك دەل كەلگەن
…
رومالىڭ ھاۋا رەڭدە
چىرايىڭ تولۇن ئايىم
مەندىن ئايرىلىپ كەتسەڭ
ئۇۋالىم تۇتار دائىم
ئاھ شىرىنجان مەلىكەم
يەنە شىرىنجان مەلىكەم
ئالما ئانارنىڭ جان بالىسى
جانىم مەلىكەم
بۈركۈت قۇشلار بىر كەلگەن
دەريا بويلاپ سەل كەلگەن
بۇ دۇنيادا بارمىدۇ
ئىككىمىزدەك دەل كەلگەن
…