
作词 : Nilufarxapkat
作曲 : Mamatjan-Yekim
编曲 : murat-musa
بەخىت سەندە
ئوغۇل
دىلدىن سۆيگەن يارىمسەن ئۆزۈڭ
يۈرۈكۈمدە بارىمسەن مېنىڭ
ئۇنتۇلدۇرار ھەممىنى شۇ ئان
تاتلىق-تاتلىق كۈلۈشۈك سېنىڭ
بەخىت سەندە گۈزەللىك سەندە
گۈلدىن گۈزەل ئاي جامال سەندە
مەپتۇنۇڭمەن ئىشقىڭدا جانان
ساڭا چەكسىز مۇھەببەت مەندە
قىز
ئۆزگىلەرگە قىلمايمەن ھەۋەس
چۈنكى ماڭا ئۆزۈڭ بار تۇرساڭ
تەڭ قىلماسمەن سېنى ھىچكىمگە
يۈرۈكۈمدىن سۆيگەن يار تۇرساڭ
ئېلىپ كەلدىڭ ماڭا بەخىتنى
ئايىمىدىڭ قىلچە مېھېرىڭنى
سۇندۇڭ ماڭا چىن مېھرىڭ بىلەن
مەن ئىنتىزار سۆيگۈ گۈلۈڭنى
بىرلىكتە
بەخىت با سەندە شادلىقمۇ سەندە
مەن ئىنتىزار مېھىرمۇ سەندە
سۆيگۈ گۈلى سۇلمايدۇ مەڭگۈ
چىن سۆيۈشكەن ئوتلۇق يۈرەكتە