作词 : Abdugheni akbar
作曲 : Abdugheni Akbar
编曲 : Kasimjan-Mamtimin
تۇنجى كۆرۈپ كۆيگەنتىم ساڭا،
كۆيدۈرگەنتىڭ ئەركىلەپ ماڭا.
جىنىم دەيسەن توختىماي يانا،
بىلىپ يەتتىم كۆيگۈنۈڭ يالغان.
سۆيگۈنۈم دەپ ئالدايدۇ مىنى،
ماڭا بەرگەن ۋەدىسى قېنى.
بولالمىدىم يارىمنىڭ خىلى،
بىلىپ يەتتىم كۆيگۈنۈڭ يالغان .
شۇنچە شىرىن قىلغان سۆزلىرى،
كۆيدۈرگەنتى خۇما كۆزلىرى .
جىلۋىلىنەر ساختا يۈزلىرى،
كۆيگۈنۈڭ يالغان،سۆيگۈنۈڭ يالغان،
سەن ماڭا چىن دىلدىن كۆيگۈنۈڭ يالغان