作词 : Emetjan Qurban
作曲 : Ablet Ablikim阿布来提阿布力克木
编曲:Ablet Ablikim
نىگار ئىشقىڭدا مەن سەۋدا
ئۈتەر بۇكۈنلىرىم دەرىتتە
ۋىسال دەشتىڭدە كارۋانمەن
يۈرەك باغرىم بۇلۈپ لەختە
ئەي نىگارىم سەن ....
ئەي جانانىم سەن ....
رىيازەت چەكمىسە ئاشىق
ۋىسال قانداق قۇچاق ئاچقاي
ساداقەت باغىدا گۈللەر
سۆيگۈدە خۈش پۇراق چاچقاي
زالالەت يەتمىسە دىلغا
ۋاپا گۈلشەنى ياشنايدۇ
گۈزەل ئارزۇ ئۈمۇت بىزنى
ھايات قوينىغا باشلايدۇ