
作词 : Abduwali Rahman
作曲 : Askar Muhtar
چىقسىمۇ گەر ئارامغا،
مەلھەم كۆڭۈل يارامغا،
سادىق ئۆيگە،ئانامغا،
مىھرىم فونتان دادامغا.
قاۋۇل، بەردەم چاغلىرى،
قىلغان گۈلزار باغلىرى،
يۈزدە قورۇق، داغلىرى،
ھۆسىن قوشقان دادامغا.
بىزنى قوشتى قاتارغا،
چىداپ مىڭ بىر جاپاغا،
بايدۇر مىھرى ۋاپاغا،
رەھمەت ئىشچان دادامغا.
ھۇسۇل ئالغاچ خاماندىن،
مىڭلاپ رازى زاماندىن،
قورقماي كەلدى ياماندىن،
يەتسۇن ناخشام دادامغا.
تاغمۇ قايىل بەستىگە،
تۆھپىسىگە،ئەجرىگە،
سۆيگۈ تولغان قەلبىگە،
پۈتەي داستان دادامغا.