作词 : Sayit Sadek
作曲 : Mizrapxah Omar
خەيىرلىك سەھەر
تاڭ نۇرىغا چۇمگەن سابادىن
سالام سىزگە، خەيىرلىك سەھەر!.
ئانا تۇپراق ھەم ساپ ھاۋادىن
سالام سىزگە خەيىرلىك سەھەر!
سەھەر ھەركەت، سەھەر ساقلىق ئۇ،
سەھەر بەركەت، سەھەر پاكلىق ئۇ،
كۇيلەر بىلەن دىدارلىشايلى
مۇھەببەتكە تولسۇن يۇرەكلەر
نۇسرەتكەيار بولسۇن تىلەكلەر
گۇل تۇتايلى-قۇچاقلىشايلى
سالام سىزگە، خەيىرلىك سەھەر.