作词 : mamattursun otkax
作曲 : Mizrapxah Omar
قىينالدى بۇ جان
مۇھەممەتتۇرسۇن مەمتىمىن ئوتقاش
سەرسانمەن دەردىڭدە كۆڭلۈم پەرىشان،
ھىجراندا ئاھ ئۇرۇپ رەڭگىم زەپىران.
ۋەسلىڭگە يېتەلمەي قالمىدى ھالىم،
ئەقىدەم ياش تۆكۈپ قىينالدى بۇ جان.
يۈزۈڭ ئاي، لىۋىڭ چوغ، كۆزلىرىڭ چولپان،
گۈل ھۆسنىڭ قەلبىمدە گۇيا بىر گۈلخان.
قاشلىرىڭ يۈرەكتە ئىگىلگەن خەنجەر،
كىرپىكىڭ ئوق بولۇپ قىلماقتا گۇمران.
سەن مېنى قىيناشقا يارالغان ئادەم،
دەرت-پىراق، ھەسرەتتە ياڭرىدى نالەم،
زارلاندىم، يارلاندىم، قىينالدى بۇ جان،
جاننىلا ئالساڭچۇ ئاھ يۈرەك پارەم.