作词 : SaWuTuM
作曲 : KAMALOV
混音:abdu kirim arkin
قىمار ، قىمار ، قىمار سەن ئايرىدىڭ بىزنى بارىمىزدىن
قىمار ، قىمار ،قىمار سېنى دەپ تاندۇق ئاتا —ئانىمىزدىن
قىمار ،قىمار ،قىمار يالغۇز قويدۇڭ سۆيگەن يارىمىزدىن
قىمار ،قىمار ،قىمار بولدى يوقال ئەمدى ئارىمىزدىن
چېكىمدىن ئامراق ئىدىم مەرمەر بىلەن پاخپاققا
سوقاشتۇرۇپ قويدۇم پات پات چېكەتكىنى تاختاققا
تۇتىۋالسا ئوقۇتقۇچۇم تىينىلاتتىم شالتاققا
ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا قالدىم يامان ئاتاققا
باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپلا قولغا ئالدىم ھوشۇقنى
ئۆيدە قالمىدى مەن ساتمىغان چىنە قاچا قوشۇقنى
پۇلنى ئىزدەپ كولىۋەتتىم تام تۈۋىگە نۇرغۇن تۆشۈكنى
ئاتمىش كويغا ساتتىم ئاخىرى كىچىكىمدە ياتقان بۆشۈكنى
ھەپتىدە بىر ۋاخ ئۆيدىكى بوشەنگۇينىڭ قۇلۇپىنى چاقىمە
ئېلى چاشقان كامىرىدا بولسىمۇ پۇراپ يۈرۈپ تاپىمە
ئاتا ئانامنىڭ يارىسىغا ئاچچىق تۇزنى چاچمە
كېيىنكى پىلانىم ئانامنىڭ تويلۇق ئالتۇنىنى ساتىمەن
قىمار ، قىمار ، قىمار سەن ئايرىدىڭ بىزنى بارىمىزدىن
قىمار ، قىمار ،قىمار سېنى دەپ تاندۇق ئاتا —ئانىمىزدىن
قىمار ،قىمار ،قىمار يالغۇز قويدۇڭ سۆيگەن يارىمىزدىن
قىمار ،قىمار ،قىمار بولدى يوقال ئەمدى ئارىمىزدىن
مەن بولسام بىر قارا قورساق ئېلپ سۇنقىنى بىلمەيمە
ئاۋاتسىزلىقىم يادىمدا يوق خەقنى كۆزگە ئىلمايمە
ئىشنى قاملاشتۇرمايمە ياكى باشقىلاردىن سورىمايمە
ھالىم تېخى ئەمدى يوغان خەق قىلغاننى قىلمايمە
بوسۇغۇدىن پۇتۇمنى ئالسام ئاۋۋال تاپىمەن قاۋاقنى
ھاراق بىلەن تولدۇرۇپ ئالىمەن ئاۋۋال ساپال تاۋاقنى
مەيلى ئاسمان ئۆرۈلسىمۇ ئۆلگىچە ئىچىمەن ھاراقنى
مەست بولىۋېلىپ تېرىيمەن تېخى ئەمدى نۇرغۇن چاتاقنى
بەش موچەننى مە دېمەيمەن ئۆيدىكى خوتۇن بالامغا
ئېلىشىم باردىكىدەك ھۆكىرەيمە بىچارە ئاتا ئانامغا
جەزىخونىڭ ئالدىغا بېرىپ يالۋۇرۇپ تىزلىنىمەن سالامغا
ئالغان پۇلنى قايتۇرالماي ئۇنى يەيمەن چالامغا