作词 : AkbarKader
作曲 : AkbarKader
ئوتۇڭ يامان
ئىشىگىڭدىن ئۆتتۈم مەن
گۈل زاراڭزا تەرگىلى
گۈل زاراڭزا باھانىسىدا
سەن يارىمنى كۆرگىلى
ئۇ كوچىدا سەن بولساڭ
بۇكوچىدا مەن بولاي
ئانار گۈلى سەن بولساڭ
گۈل غۇنچىسى مەن بولاي
جان يارىم ئوتۇڭ يامان
سارغايتىپ قىلما سامان
سارغايتىپ سامان قىلما
ھالىڭنى يامان قىلما
ئالما ئانار گۈل شاخى
سۇنمىغىچە قايرىلماس
چىن يۈرەكتىن سۆيگەن يا
ئۆلمىگىچە ئايرىلماس