
作词 : Abduhelil Abdukerim
作曲 : Hoji Matkurban
编曲:Abduwali Tohti
ۋاپاسىزغا يار بولما
سۆيگۈسىنىڭ قەدرى يوق
ئۇنۇڭ ئېيتقان راستىدىن
يالغىنىنىڭ پەرقى يوق
كەتسە مەيلى كېتىۋەسۇن
قېينىغۇدەك ۋەسلى يوق
ۋاپاسىزنىڭ بارىدىن ئو ھوي
يوخلوغىنىڭ پەرقى يوق
سېغىنغۇدەك ئاھئۇرۇپ
ئۇنۇڭ شېرىن دەردى يوق
كۆز يېشىمۇ يالغاندۇر
كۈلكىسىدىن پەرقى يوق
تىلى بالغا ئۈگەنگەن
شېرىن ئەمما نەرخى يوق
كەلگىنىدىن يېنىڭغا
كەتكىنىنىڭ پەرقى يوق
كەتسە مەيلى كېتىۋەسۇن
قېينىغۇدەك ۋەسلى يوق
ۋاپاسىزنىڭ بارىدىن ئو ھوي
يوخلوغىنىڭ پەرقى يوق