
作词 : SadirEziz
作曲 : SadirEziz
ئەي يارىم ھۆسنى كامال،
ھۆرپەرى سايپ جامال.
جاننى ئەجەب قىينايسەن،
يۈرەكنى قىلىپ قامال.
بولدۇم ساڭا مەستانە،
ئەتراپىڭدا پەرۋانە.
سەن ئوتتۇڭدا كۆيدۈرۈپ،
قىلما مىنى سەرسانە.
شەھلا كۆزلىرىڭ،
مىنى چەكسىز قىينايدۇ.
سۇمبۇل چاشلىرىڭ،
يۈرەگىمنى باغلايدۇ.
گۈزەل يارىم،
غەمگۈلزارىم.
ئوماق يارىم،
گۈلئۇزارىم.
كۆيۈپ يۈرسەم مەن ساڭا،
پەرۋا قىلماي سەن ماڭا
ئالماي كەتسەڭ گۈلۈمنى
ئۇۋال قىلمام سەن ماڭا.
جىلۋە قىلىپ ناز بىلەن،
گۈل ئوينايسەن گۈزەلىم.
يۈرەگىمنى كۆيدۈرۈپ،
دىل قىينايسەن ھەسەلىم