
作词 : Mutalipjan Kawul
作曲 : Askar Muhtar
ئۇستازنىڭ كۈيى
(ئابدۇللا ئابدۇرېھىم51ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگەئاتالغان)
تىكستى:مۇتەللىپجان قاۋۇل
مۇزىكسى:ئەسقەر مۇختەر
ئىجرا قىلغۇچى:ئەسقەر مۇختەر
تىكىسىت كىرگۈزگۈچى:ئابدۇراخمان
∮مۇزىكا∮
چۆللەردە چاڭقىغان كارۋانلار ئۈچۈن،
مىسالى زەمزەمدۇر توغراقنىڭ سۈيى.
چۆللەردە چاڭقىغان كارۋانلار ئۈچۈن،
مىسالى زەمزەمدۇر توغراقنىڭ سۈيى.
يۈرەكتىن بالقىغان ئارمانلار ئۈچۈن،
ئەبەدى ھەمدەمدۇر ئۇستازنىڭ كۈيى.
يۈرەكتىن بالقىغان ئارمانلار ئۈچۈن،
ئەبەدى ھەمدەمدۇر ئۇستازنىڭ كۈيى.
∮مۇزىكا∮
ئۇستازىم كۈي قىتىپ قالسا ھەر قاچان،
يۈرەكتىن ھاياجان تۆكىلەر شۇ ئان،
كۈيلىرى مەشئەلدۇر يولىمىز راۋان،,
تۈنلەردە چىراقتۇر ئۇستازنىڭ كۈيى.
كۈيلىرى مەشئەلدۇر يولىمىز راۋان،,
تۈنلەردە چىراقتۇر ئۇستازنىڭ كۈيى.
∮مۇزىكا∮
كۈيلىرى پەلەكتە قىلىدۇ پەرۋاز،
بولغاچقا ئۇنىڭدا سىھىرلىك ئاۋاز.
بولغاچقا ئۇنىڭدا سىھىرلىك ئاۋاز.
ياشىسۇن ياشنىسۇن ئابدۇللا ئۇستاز،
تىنىمسىز بۇلاقتۇر ئۇستازنىڭ كۈيى.
ياشىسۇن ياشنىسۇن مۆھتىرەم ئۇستاز،
تىنىمسىز بۇلاقتۇر ئۇستازنىڭ كۈيى.
ئۇستاز سەنەتكار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم نىڭ بۈگۈنكى مەۋلۇت كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن. خەلقىمىزنىڭ بەختىگە مەڭگۈ سالامەت بولۇڭ.