
作词 : Mutalipjan Kawul
作曲 : Askar Muhtar
ياشاپ كەلدىم ئۆز رىسىقىم بىلەن،
مالۇ دۇنيا نام تالاشمىدىم.
ياشاپ كەلدىم ئۆز رىسىقىم بىلەن،
مالۇ دۇنيا نام تالاشمىدىم.
ئاچ قالساممۇ ھايات چۆلىدە،
ئۆزگىلەردىن نان تالاشمىدىم.
ئاچ قالساممۇ ھايات چۆلىدە،
ئۆزگىلەردىن نان تالاشمىدىم.
بۇلبۇل بولۇپ سايرىغىنىم راس،
چىمەنزاردىن جاي تالاشمىدىم
چىمەنزاردىن جاي تالاشمىدىم
تىكەن دەسسەپ يۈرسەم رازىمەن،
مىننەتخوردىن يول تالاشمىدىم.
تىكەن دەسسەپ يۈرسەم رازىمەن،
مىننەتخوردىن يول تالاشمىدىم.
بىرتال گۈلۈم ئۆزۈمگە يىتەر،
يار ئۈستىگە يار تالاشمىدىم.
ناخشا ئېيتتىم ئەل -ئاۋام ئۈچۈن،
سازلىرىمغا تار تالاشمىدىم.
دۇتارىمغا تار تالاشمىدىم
ناخشا ئېيتتىم ئەل -ئاۋام ئۈچۈن،
سازلىرىمغا تار تالاشمىدىم.
ناخشا ئېيتتىم ئەل -ئاۋام ئۈچۈن،
سازلىرىمغا تار تالاشمىدىم.
دۇتارىمغا تار تالاشمىدىم