作词 : Muhammatjan Rashidin
作曲 : Askar Muhtar
ئۆستەڭ باشقا دەريا بىر باشقا،
شەھەر باشقا سەھرا بىر باشقا.
باشتا ۋەدە قىلغىنى بىلەن ،
ۋاپاسىز يار قۇيار كۆز ياشقا.
ئاق تورنىلار كىلىپ چۈشكەن كۆل،
ئۇچۇپ كەتسە بۇلۇپ قالار چۆل.
مۈشكۈللەرگە چىدىغان بىلەن.
يالغۇزلۇققا چىدىماس كۆڭۈل،
ياز ياراشقان بويلۇرۇڭ باردۇر،
باغدا باققان قويلۇرۇڭ باردۇ.
كەل دىگەندە كەلمەيسەن يارىم ،
سىنىڭ باشقا ئويلۇرۇڭ باردۇ.