作词 : Askar Muhtar
作曲 : Askar Muhtar
يارىلانغان يۈرەكنىڭ ساقايغىنى نەدە با،
خارلانغان كۆڭۈلنىڭ ئېچىلغىنى نەدە با.
بىھۇش بۇلۇپ مۇھەببەتنىڭ دەردىدە
ئۆز يارىدىن ئازار يەپ سەرسان بولغان نەدە با.
گۈل بولمىسا بۇلبۇلنىڭ سايرىغىنى نەدە بار
كۆلگە چۈشكەن تورنىلارنىڭ تاق بولغىنى نەدە بار
سۆيگەن بىلەن مەن يارىمنى چوڭ بىلىپ،
پەرۋاقىلماي مىنى يات ئەيلەگىنى نەدە بار.
يارىم مىنى يات كۆرسىمۇ خار قىلغىنى نەدە بار،
بۇرۇن قىلغان ئەقىدىنىڭ بۇزۇلغىنى نەدە بار.
ئېچىنىمەن ئىچ-ئىچىمدىن زارلىنىپ ،
بىر يىگىتنىڭ قىز ئۈچۈن ياش تۆككىنى نەدە بار.