
作词 : Ayixa-Mamat
作曲 : Ayixa-Mamat
ئوت بۇلۇپ كەلگىن
بۇلۇپ قالدىم يار مىسىكىن بىچارە
كۆزلىرىڭ ئەقلىم ئالغاندىن بىرى
ئوت بۇلۇپ كۆيدۈم كىچە ھەم كۈندۈز
قانداق ئۇچقۇن يار كۆزلۈرۈڭدىكى
خالىماس كۆڭلۈم سەندىن بۆلەكنى
يۈدۈپ يۈرسەممۇ ئاچچىق ئازاپنى
سىنى كۆرسەملا ئۇنتۇپ كىتىمەن
بارچە قايغۇنى
يۈرەگىم ساڭا باغلىنىپ قالدى
قانداق بىلدۈرەي ئاشىقلىقىمنى
سىنى كۆرمىسەم گۇيا يالغۇزلۇق
قاپلار جاھاننى
مۇزلىغان جىسمىم ئالساڭ باغرىڭغا
شام كەبى تىنىم ئىرىپ كىتەتتى
ئاستا ئاۋايلاپ سۆيسەڭ لىۋىمگە
بەلكىم قەلبىمگە ئوتلار كىتەتتى…
سېغىنىشىمنى كىمگە ئېيتىمەن
سەۋدالىقىمنى قانداق يۇتىمەن
سۆيگۈڭنى ئېلىپ كەلگىن يېنىمغا
سىنى كۈتىمەن
كەلگىن ئوت بۇلۇپ كەلگىن يېنىمغا
داۋا بولۇپ كەل مىسكىن دىلىمغا
كۆڭلۈڭنى بەرگىن ياشايلى مەڭگۈ…
سۆيگۈ قوينىدا …
2020.8.30