
作词 : Xelq
作曲 : Xelq/Abdukiram-Arkin
يار سېنىڭ دەردىڭدە ،
قاسساپ بولىدۇرمەن .
پۇلۇمنى كۆتۈرۈپ قويۇڭنى ئۆلتۈرۈپ،
بازاردا ساتىدۇرمەن.
بەللىرىدىن تۇتۇۋالسام ،
قوللىرىنى مۇجىۋالسام .
ناخشا ئېيتقان لەۋلىرىگە ،
چوكۇلدىتىپسۆيىۋالسام .
يار سېنىڭ دەردىڭدە ،
شياڭگاڭچى بولدۇرىمەن .
ئەرزاننى توپ سېتىپ قىممەتنى
پارچە ئېلىپ، بازاردا ساتىدۇرمەن .
بەللىرىدىن تۇتۇۋالسام ،
قوللىرىنى مۇجىۋالسام .
دۇتار چالغان قوللىرىنى ،
چىشلەپ چىشلەپ ئۈزۈۋالسام .
يار سېنىڭ دەردىڭدە ،
كاۋاپچى بولىدۇرمەن .
زىخىمنى كۆتۈرۈپ قويۇڭنى ئۆلتۈرۈپ ،
بازاردا ساتىدۇرمەن .
بەللىرىدىن تۇتۇۋالسام ،
قوللىرىنى مۇجىۋالسام .
ناخشا ئىيىتقان لەۋلىرىگە ،
چوكۇلدىتىپ سۆيىۋالسام .