
作词 : Xireli Jorayuf
作曲 : Xireli Jorayuf
تۇنجى سۆيگۈ سالغاندا سەۋدا،
پەرۋانىدىم خۇددى گۈلخاندا.
تۇنجى سۆيگۈ سالغاندا سەۋدا،
پەرۋانىدىم خۇددى گۈلخاندا.
ئاخشامقىدەك تۇيىلار ئەمما،
ئون سەككىزدە ئىدىم شۇ چاغدا.
ئون سەككىزدە ئىدىم شۇ چاغدا.
ياشلىقمدا ئەجەپ شوخ ئىدىم،
يېنىپ تۇرغان قىزىل چوغ ئىدىم.
ياشلىقمدا ئەجەپ شوخ ئىدىم،
يېنىپ تۇرغان قىزىل چوغ ئىدىم.
تۇنجى قېتىم كۆڭۈل بىرىشتىم
تۇنجى قېتىم كۆڭۈل بىرىشتىم
ئون سەككىزدە ئىدىم شۇ چاغدا.
ئون سەككىزدە ئىدىم شۇ چاغدا.
سۆيگۈ ئوتى يانغاندا دىلدا،
جانىم ئالدى بىلدۈرمەي ئاستا.
سۆيگۈ ئوتى يانغاندا دىلدا،
جانىم ئالدى بىلدۈرمەي ئاستا.
ئەجەپ شىرىن ئاشۇ ئازاپلار،
ئون سەككىزدە ئىدىم شۇ چاغدا.
ئون سەككىزدە ئىدىم شۇ چاغدا.
ئەگەر كەتسەڭ ئۆلىمەن دەيىتتىم،
لىكىن كەتتىڭ ئۆلدۈم تىرىلدىم.
ئەگەر كەتسەڭ ئۆلىمەن دەيىتتىم،
لىكىن كەتتىڭ ئۆلدۈم تىرىلدىم.
باشقا ئادەم بۇلۇپ يارالدىم ،
ئون سەككىزدە ئىدىم شۇ چاغدا.
ئون سەككىزدە ئىدىم شۇ چاغدا.
تۇنجى سۆيگۈ چىن سۆيگۈ دىدىم،
تۇنجى سۆيگۈ چىن سۆيگۈ دىدىم،
شۇ سۆيگۈدىن ئازارلار يىدىم.
مەن ھەممىنى تەقدىرىم دىدىم ،
مەن ھەممىنى تەقدىرىم دىدىم ،
ئون سەككىزدە ئىدىم شۇ چاغدا.
ئون سەككىزدە ئىدىم شۇ چاغدا.
ئون سەككىزدە ئىدىم شۇ چاغدا.
ئون سەككىزدە ئىدىم شۇ چاغدا.
ئون سەككىزدە ئىدىم شۇ چاغدا.