
作词 : Abdurixit-Yusuf
作曲 : Abdurixit-Yusuf
سېغىنىش
تېكىستى، مۇزىكىسى:خەلقنىڭ
ناخشىدا: ئابدۇرىشىت يۈسۈپ
ئاسماندىن ئالاي ئاينى
قوينۇمغا سالاي يارنى
ئاسماندىن ئالاي ئاينى
قوينۇمغا سالاي يارنى
يار يادىمغا يەتكەندە
ئىچمەي قويىمەن چاينى
يار يادىمغا يەتكەندە
ئىچمەي قويىمەن چاينى
بىز كەلدۇق يىراقلاردىن
سۇ ئىچىپ بۇلاقلاردىن
بىز كەلدۇق يىراقلاردىن
سۇ ئىچىپ بۇلاقلاردىن
كەلگىنىمنى بىلدىڭمۇ
ياندۇرغان چىراقلاردىن
كەلگىنىمنى بىلدىڭمۇ
ياندۇرغان چىراقلاردىن
تەلەمەتنىڭ جاپاسى
زىمىستاندۇر ھاۋاسى
تەلەمەتنىڭ جاپاسى
زىمىستاندۇر ھاۋاسى
بۇ دۇنيادا بارمىدۇ
دەرتمەنلەرنىڭ داۋاسى
بۇ دۇنيادا بارمىدۇ
دەرتمەنلەرنىڭ داۋاسى