
作词 : Ayixa-Mamat
作曲 : Ayixa-Mamat
سىنىڭسىز ياشىيالمايمەن
ئايىشە مەمەت
قەلبىمدە نۇرلۇق قۇياشسەن
سىنىڭسىز پارلىيالمايمەن
كۈلكەم ھەم قايغۇلۇرۇمنى
سىنىڭدىن ئايرىيالمايمەن
بىرسەنلا تولدۇڭ قەلبىمگە
ئۆزگىنى سىغدۇرالمايمەن
كۈتكەنگە كۈلگەن بەختىمنى
سىنىڭسىز بىلدۈرەلمەيمەن
ھاياتىم بەختىم بارىمسەن
دىلىمدىن سۆيگەن يارىمسەن
بىر سەن ئۈچۈنلا يارالدىم
سىنىڭسىز ياشىيالمايمەن
بىرسىنىڭ بولسامكەن دەيمەن
يېنىڭدا تۇرسامكەن دەيمەن
ئەي يۈرۈگۈمنىڭ پارىسى
سەن ئۈچۈن يالغاندۇرمەن
يانىمدا يۈرسەڭ بىردەيمەن
پەقەت بىر سىنى ئويلايمەن
سەندىن باشقىنى ئالەمدە
سۆيمەيمەن جېنىم سۆيمەيمەن
يانىمغا بىركەلسەڭ دەيمەن
بىرمىنىڭ بولساڭكەن دەيمەن
سىنىڭدىن ئۆزگە باشقىنى
كۈتمەيمەن جېنىم كۈتمەيمەن
سىنىڭسىز ياشىيالمايمەن
سىنىڭدىن ئايرىلالمايمەن
بىرسىنى سۆيگەن قەلبىمگە
ئۆزگىنى سىغدۇرالمايمەن
يېنىڭدا تۇرسامكەن دەيمەن
سەن بىلەن ئۆتسەمكەن دەيمەن
ئەي يۈرۈگۈم پارىسى
سەن ئۈچۈن يالغاندۇرمەن