
作词 : Mortiza
作曲 : Mortiza
نەدىن باشلاش كىرەك ھەممىنى سۆكەپ دەمەنمۇ
بەزى كىشلەنى تىلغا ئالسام راسمەن شۇنداق دەلەمۇ
ئۇچۇر دەۋرىگە چۆكەپ كەتتۇق ئۆزگەرمەكتە زامان
پاسسىپ تەرىپىنى قوبۇل قىلىپ ئىنتېرنېتقا سالام
يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقا ھەتتا چۆكتى بالىمىز
ئۇسسۇل ئوينىماقتا كۆپلە ئەگىشىپ داپنى چەپپىرمىز
زامان زامانغا ئەگەشمەكتە ياشلا تەرەققىي قىلماقتا
مۇھاببەتتىن رايى ياندى مۇناسىۋەت ئايرىماقتا
تىلنى زەھەر بىلەن بويىماقتا بىر بىرمىزگە سانجىماقتا
ئانىدىن بالنىڭ مىھرى سۇنۇپ ئىنتىرنىتتا ئالجىماقتا
موھاببەتنى پاكلاندۇسا مەتۇدەپلا شاللىماقتا
مەڭگۈلۈككە جۆرىسىنى توردۇنياسىدىن تاللىماقتا
كەينى كەينىدىن كىرىپ كەتتۇق بۇ سەيناغا ئەگىشىپ
قىزلا ئىتتىك چولپان بولدى يىرىم يالڭاچ سەتلىشىپ
ئەركەكلىرمىز تەڭ ئەگەشتى قۇرالىرنى بەتلىشىپ
مۇھابتىنى تاشلىۋەتتى نىمىش قىلتى تەگىشىپ
چۈشۈرمىدىن دەۋىرمىزنى تەسۋىرلىدىم ئەمىليەتتىن
ئۆچۈرمۈدۈم ئوتلىرمىزنى ئۆچۈرۋالدۇق جەمىييەتىن
بىردىن بىردىن پۇرسەت ئالدۇق شىلدىرلىغان ۋەزىيەتتىن
بىر ئۇدارغا پىتىپ قالدۇق چەتنىدىقمۇ تەبىيەتتىن
چۈشۈرمىدىن دەۋىرمىزنى تەسۋىرلىدىم ئەمىليەتتىن
ئۆچۈرمۈدۈم ئوتلىرمىزنى ئۆچۈرۋالدۇق جەمىييەتىن
بىردىن بىردىن پۇرسەت ئالدۇق شىلدىرلىغان ۋەزىيەتتىن
بىر ئۇدارغا پىتىپ قالدۇق چەتنىدىقمۇ تەبىيەتتىن
ئۆزىنى سالدى يەرمەڭكىگە قالغان پۇللا سۇغۇرلاندى
راكىتادىن 10نى ئاتتى ئەتە كەشكە توغۇرلاندى
بۈگۈن كىرىم ياخشى بولدى ئەتە بولسا سورۇن
بۈگۈن كىچە ئەنسىرمەيدۇ راسلاپ قويدى ئورۇن
ئىنتىرنىتتا قىز ئوغاللا ئاكا سىڭىل تاپماقتا
ئەس بەدەنلە رامبو يىگىت توشۇپ كەتتى چاقماقتا
ۋىجدانلىق سىڭىل ھەمدە ۋىجدانلىق ئاكىلا
ئەگەر كۆزدىن ئوت چىكەتسە ئايرىم خانغا قاچىلا
ئايرىم خانىلا سايرىماقتا كىچىلىك كۇلۇپ قاينىماقتا
ياتاق ئىشكى چىڭ تاقالدى قىز ئوغاللا يايرىماقتا
ھايۋان كەبى ئىتىلماقتا يىپىق پەردىلە يىرتىلماقتا
ئاشناڭ يولدا ئۇچراپ قالسا گىلىڭ ئاستا قىرىلماقتا
ئەۋلاد ئۈچۈن جېنىم كەتسە مەن سوتتا بۇ دەۋاچى
ھە قايسىڭغا ئەگەشتى ئۈچتە ياخشى ئەلاچى
كەلگۈسىڭنى قايرىپ قويۇپ بولۇۋالدىڭ دەرۋىش
بوۋاڭ كېلىپ ئەۋلادىڭنى قىپكىتەمدۇ پەرۋىش
تەربىيە ئەمەس بىلسەڭ مەندە يوقتۇر سالاھىيەت
شۈكۈر دىسەك بىزگە يىتە كۈنلە ئۆتسە سالامەت
مويسىپىتتى كوچا كويدا ئاڭلاپكەتتىم ئىزاھەت
ئەجدات ئىزىنى بىسىپ كەلدۇق يوقالمىسۇن سالاپەت
ئەي سەن ئامراقمۇ رەپكە
ھەقىقەتنى سۆزلىسەملا قاقىسە مىنى چەتكە
خەقنىڭ ئىزىنى باسماي ماڭىلى ئۆزىمىزگە چۇشلۇق
جەمىيەتتىكى پارازىتلىغا بۇ رەپ قەلىمىم ئۇشلۇق
چۈشۈرمىدىم دەۋىرمىزنى تەسۋىرلىدىم ئەمىليەتتىن
ئۆچۈرمۈدۈم ئوتلىرمىزنى ئۆچۈرۋالدۇق جەمىييەتىن
بىردىن بىردىن پۇرسەت ئالدۇق شىلدىرلىغان ۋەزىيەتتىن
بىر ئۇدارغا پىتىپ قالدۇق چەتنىدىقمۇ تەبىيەتتىن
چۈشۈرمىدىم دەۋىرمىزنى تەسۋىرلىدىم ئەمىليەتتىن
ئۆچۈرمۈدۈم ئوتلىرمىزنى ئۆچۈرۋالدۇق جەمىييەتىن
بىردىن بىردىن پۇرسەت ئالدۇق شىلدىرلىغان ۋەزىيەتتىن
بىر ئۇدارغا پىتىپ قالدۇق چەتنىدۇقمۇ تەبىئەتتىن