
作词 : 账号已注销
作曲 : 账号已注销
يا ئۇنداقتۇر ، يا بۇنداقتۇر
دائىم بۇ قەدەر يورۇق كۈلمە دەيتتىم ئۆزۈمگە ،
دائىم دەيتتىم ...
بىر مىنۇت كېيىن بولىدىغان ئىشقا ،
بىر مىنۇت بالدۇر شادلانما .
ئۈمۈدۋارلىقىڭنى ئاشكارلىما ،
بىر ئېغىر تاشتەك ئېغىر تۇر دەيتتىم .
پۈتۈن ئالەم سېنىڭ بولىدۇ دېسە ،
سېنىڭ بولغاندىن كېيىن كۈل
ھەتتا كۈلمە .
قىزغىنىدۇ شامال ،
قىزغىنىدۇ ئاپتاپ ،
قىزغىنىدۇ كېچە ،
قىزغىنىدۇ كۈندۈز ،
ھەتتا
قىزغىنىشى مۇمكىن تەقدىر ،
بىر تال چېچەك ... دەيتتىم .
ھېچنىمىگە ئالدىراپ كەتمەي ياشا دەيمەنيۇ ،
بەزىدە ئالدىراپ قالىمەن .
شادلىنىشقا ياكى ھەسرەتلىنىشكە ،
بىر ئىش بولىدىغان بولسا چوقۇم بولىدۇ .
بولمايدىغان بولسا چوقۇم بولمايدۇ.
بىلىمەنغۇ
نېمىشقا ۋەسۋەسىگە قالىمەن ؟
شۇنچىلىكلا بىر ئىش ،
يا ئۇنداق بولار
يا بۇنداق بولار ،
ھەر بىر كۈنى ئاز ئازدىن ،
پېشانەڭدىكى خەتلەر ئۆزىنى ئاشكار قىلار .
باشلىنار ياكى ئاخىرلىشار ،
بولىدىغان ياكى بولمايدىغان ئىشلار .