
作词 : Heliq
作曲 : Heliq
ئىگىزتاغقا چىققاندا
قۇلىڭزنى مەن تارتاي
با ئۇياننى سىز ئويناڭ
دەردىڭىزنى مەن تارتاي
ئاق توشقان ئالا توشقان
ساينى ياقىلاپ قاچقان
مەلىڭىزدىن ئۆتكەندە
ئۆزىڭىزنى ئەپ قاچقان
ئۇلاق قوغلاپ يامىشىپ
كەلدىم تاغنىڭ باشىگە
گۈل يارىمنى سېغىنىپ
كەلدىم يارنىڭ قاشىگە
يا ئۇيانلىق بومايتكەن
يا بۇيانىلىق بومايتكەن
كۈيەپ قاغان شۇ ياغا
چىدىغىلى بومايتكەن
دۇتتار چامىسام ياخشى
چالسام ئېتىمەن ناخشى
ئالتاي بولدى بۇدەرتكە
ئۆلەپ قامىدىم ياخشى
قاشنىڭ قارىسى سەندە
كۆزنىڭ قارىسى مەندە
دەردى يوق دەمسەن مىنى
دەتنىڭ ھەممىسى مەندە
ئانام بۆچچىمۇ تۇمارى
دادام بۆچچىمۇ تۇمارى
ئاخشام ئىچكەن سىن چاينىڭ
ئەمدى تۇتتى خۇمارى
تۈنۈگۈن چۈش ۋەتىدا
ئىككى جۇۋان چىقتى سۇغا
قاپىقى لايغا پېتىپ
ئالمىللىرى ئاقتى سۇغا