
作词 : Tiwep Jan Elyuf
作曲 : Yakupjan-Baki
编曲 : Yakupjan-Baki
ساختىپەزنىڭ ئىقرارى
مەن ئۆزۈم شۇنداق بىر ئوغۇل بالا مەن
ھەريەردە ھەرياڭزا بولىۋالىمەن
خۇلقى مىجەزىم رەڭگارەڭ مېنىڭ
ئۆزۈمنى نەچچە خىل بويىۋالىمەن
دوست تۇتماق بولسام مەن ئەگەر بىرنى
ئىزدەيمەن ، دائىم ئاجىز يېرىنى
يېتىلەپ تۇرۇپ گويا بۇرنىنى
ئالدىدىن قاپقاننى قۇرۇۋالىمەن
ھەرگىز قورقمايمەن ھوقۇقى يوقتىن
قورقمايمەن تامغىسىز ئاھانەت دوقتىن
يار يۆلەك تاپسام بىرەر ئەربابتىن
مەيدەمنى مەغرۇر كېرىۋالىمەن
باشلىقىمدىنمۇ نوچىسى خوتۇنى
ئېرىغا مەرىت دەپ ماختايدۇ مېنى
سوۋغات بىلەن يوقلىغاچ ئۇنى
پات پات ئۆيىگە بېرىۋالىمەن
سوۋغات بىلەن قىسقا قىلىپ ، تىلىنى
باشلىقىمنىڭمۇ ياغلاپ تۇرغاچ ، گېلىنى
ئۆستۈردى بۇ يىل يەنە پېقىرنى
كېيىنچە ھوقۇق نىمۇ ئېلىۋالىمەن
كىمكى چۈشىنىپ قالغاندا مېنى
دوستۇم دېمەيمەن ھەرگىزمۇ ئۇنى
بەلكى پىيىگە چۈشۈپ ،بىركۈنى
ئالايغان كۆزۈڭنى ئويىۋالىمەن
مەن ئۆزۈم شۇنداق ئوغۇل بالىمەن
مۇشۇ ھۈنەر بىلەن كۈن ئالىمەن
قول ئۇزاتمايمەن ، زىيان تەرەپكە
قەيەردە نەپ بولسا ، شۇ يولىۋالىمەن
يىقىلساممۇ دەرھال تۇرىۋالىمەن