作词 : Awzar Bidal
ئاي بولالمايمەن ئەجەپ
كۈن بولالمايمەن ئەجەپ
ھەركۈنى ئايدەك قوياشتەك
يۇرتنى كۆرەلمەيمەن ئەجەپ
ئاي كېتەريۇرتۇم تامان
كۈن كېتەر يۇرتۇم تامان
ئاي بىلەن كۈندەك كۆرەلمەي
يۈرىمەن غەمدە ھامان
تاڭدىكى ئۇچقۇر شامال
يۇرتۇمغا ئېلىپ كەتكىن سالام
مەن ئۈچۈن سۆيگىن بېرىپ
ھەر تاڭدا ئويغانسا ئانام