作词 : iskender Semet
作曲 : iskender Semet
قار گۈلى
تەرجىمان:گۈلبانۇ ئىسكەندەر
چۈشمەكتە قار لەپ لەپ قىلىپ
ئەڭ ئاخىرقى دېكابىردا
قار گۈلىنى ئوينار شامال
چىراقلارنىڭ ئەتراپىدا
تەكرار
ھەشەمەتلىك رېستۇراندا
قىزىپ كەتتى توي تاماشا
كىملەر ئىسسىق ئۆيلىرىدە
كىملەر قالدى سوغۇق تالادا
مۇزىكا
شۇ كېچىدە قۇش بالىسى
ئىزدىمەكتە ئىسسىق ئۇۋا
كۆركەم گۈزەل قار گۈللىرى
ياپتى لىباس كەڭ جاھانغا
ئۇخلاپ قالدى يەر شارىمۇ
ئاق چېچەكلەر ئاراسىدا