
作词 : Turan Sadik Kuwan
作曲 : Xahida Xahimardan
بۇلبۇلۇم، سالامىمنى ئېيت بېرىپ نىگارىمگە،
يۈزى ئايدەك كۆزى چولپان مېنىڭ ئارامىجانىمگە.
دىگىل ۋەسلىڭ ئۈچۈن يارىڭ گۈلزارىلا ئارا بىھۇش،
نىگارىم كاسى مەي ئىچكەي كېلىبان بۇ بوستانىمگە.
بېشىم كۆككە يېتەر، يەتسەم سۆيگۈمنىڭ ۋىسالىگە،
ئىشقىي ئوتىدا ئۆرتەندىم، داۋا بارمۇ بۇ جانىمگە.
سۆيگۈدىن دېرەك ئىزدەپ مەن لەيلى كەبى سەرسان،
تىزدىم نېئمەتۇ ئەلۋان كېلەر دەرت دەستىخانىمگە.
مەگەر قلساڭ ئىجازەت ، مەن خەت ئاسسام قاناتىڭگە ،
بېرىپ قويساڭ ئاشۇ ۋەيران يۈرەك زەرداب شۇ يارىمگە.
مېنى ئاشىق ئەيلىگەن شۇل يار سۇلمىسۇن بولۇپ نابۇت،
ماڭا رەھمەت ئەيلىگىن بۇلبۇل قالمىغىن ۋابالىمگە.