作词 : Heliq
作曲 : Heliq
گۈلمىدى غۇنچەمىدى،
يارىم سېنىڭ باشىڭدىكى.
كېچىلەپ تونالمىدىم.
كىملەر ئىدى قاشىڭدىكى.
ئامرىقىم، چىرايلىقىم،
كەتسەڭ يىراققا نە قىلاي.
ساڭا ئۆگەنگەن كۆڭۈلنى،
ئەمدى كىمگە خار قىلاي.
گۈلنى گۈل دەمدۇ كىشى،
گۈلنىڭ پۇراقى بولمىس.
يارنى يار دەمدۇ كىشى،
يارنىڭ ۋاپاسى بولمىسا.
ناز ئېتەر كىملەرگە گۈل،
شاخىدا بۇلبۇل بولمىسا.
كىم بىلۇر قەدرىڭنى يار،
دەرتمەن كۆڭۈللەر بولمىسا؟