作词 : tesawur
作曲 : tesawur
سەن ماڭا بەرسەڭ قەسەم
مەن سىنى چىن يار بىلىپ
ھەم ئىشەندىم سۆيگىگە
ئەتمىگەي دەپ خار قىلىپ
تەلمۈرۈپ ئۆتتۈم ساڭا
بىر ئۆمۈر سادىق بۇلۇپ
كەتمىسۇن دەپ سۆيگىنىڭ
گۈللىرى بالدۇر قۇرۇپ
ھۆرمىتىم ئەجرىمگە خاس
كۆرمىدىم سەندىن ۋاپا
سۆيگىنى نابۇت قىلىپ
بەرگىنىڭ بولدى جاپا
مەن تۇنۇپ يەتتىم سىنى
بولدى بەس بولماي خاپا
يار ئەمەس ئالدامچى قىز
ئەسلى سەن بىر بىۋاپا