作词 : Heliq
作曲 : Heliq
ئانادەك مېھرىبان قايدا
ئاتادەك غەمگۈزار قايدا .
سېنىڭدەك بىۋاپا يارغا .
مېنىڭدەك ئىچ كۆيەر قايدا .
قىزىل گۈل تۈۋىدە سىنچاي .
ئىچىپ خۇمارى بولدۇم مەن .
سېنىڭدەك بىۋاپا يارغا
كۆيۈپ ئاۋارە بولدۇم ، مەن .
باغدا بىر گۈل بار ئىدى .
ئالتۇن باھالىق گۈل ئىدى .
تۈگمىسى ئاچىلمىغان .
يارىمغا لايىق گۈل ئىدى .
ئاتاڭ قىچقاردىمۇكەچلىك
ئاناڭ قىچقاردىمۇ كەچلىك .
قەپەزنىڭ قەدرىنى بىلمەي .
ئۇچۇپ كەتكەن نادان كەكلىك .
ئۇچۇپ ھاۋاغا چىققاندا .
لېچىن سوقسۇن سېنى كەكلىك .
يېنىپ دەرياغا چۈشكەندە .
لەھەڭ يۇتسۇن ، سېنى چەكلىك .