
作词 : Abjil Tursun
作曲 : Abjil Tursun
编曲 : Abjil Tursun
ياپيىشىل مايسىلار بوستان ئارا
گۈلگە دەرتمەن بۇلبۇل كىلىپ سايرىغاندا
نازلىنىپ لەۋلەرىڭنى چىشلەپ تۇرۇپ
كۆيدۇم ساڭا دىگەنلىرىم ئىسىڭدىمۇ
تۇتقىنىمدا يۇمشاققىنە قوللىرىڭنى
بەرگىنىڭدە ئەۋرىشىمدەك بەللىرىڭنى
مۇھابەتنىڭ لەزىتىگە چىدىيالماي
ئاھ جىنىم دەپ ئىسىلغىنىڭ ئىسىڭدىمۇ
باغۇ بوستان گۈلشەن ئارا ئويناپ يۈرۈپ
جۇدۇندا ئۆسكەن قۇملۇقلادا سۆرەپ يۈرۈپ
سايىداشقا بارغاندا باغ گۈلىگە
بىر سىنىڭمەن دىگەنلىرىڭ ئىسىڭدىمۇ