作词 : Hoji Matkurban/Abdusopur ismayil
作曲 : Hoji Matkurban/Abdusopur ismayil
ئەركەككە ئەي ياش ياراشمايدۇدىدڭلار
مەن يىغلايمەن يىغلىغۇدەك ئىش بولدى
تاغ يېرىلسۇن ئاڭلاپ مىنىڭ ھالىمنى
مەن يىغلايمەن باھار ماڭا قىش بولدى
قەيەردىدۇر يۈرەك پارەم زار بولۇپ
قايسى بىر نائەھلىگە خار بولۇپ
ئۆلۇكى يوق دىرىكى يوق تىرىكى يوق
مەن يىغلايمەن يەتتەباغرىم يار بولۇپ
چۈشلۈرۈمدە چاقىردۇ ئانا دەپ
مىنى ئىلىپ كىتىڭلار چۇ دادا دەپ
مەن يىغلايمەن تەلمۇرىمەن ھەر يانغا
بالام سەندىن قاچان كىلەر سادا دەپ