
作词 : Ali Kiroran
作曲 : Ali Kiroran
مەن ئەسلىدە بىغەم بىر بالا ،
ئەمدى دەرتكە بولدۇم مۇپتىلا ،
قاچان ئۇچراتتىمەن سېنى ،
شۇندىن بىرى ئاشىق بىقارا ،
مەن ساڭىلا ئاشىق بىر بالا
يا سۆيگۈمنى بىلمەيسەن ئەسلا ،
نىمە قىلاي ئېيتقىنا جېنىم
دىلدا قالدى نۇرغۇن سۇئاللار
سورىسام سەندىن سۆيگۈ بىرەلەمسەن
، مەن كۆيگەن شۇ ئوتلاردا كۈيەلەمسەن،
مەن تارتقان شۇ دەرتلەنى تارتالامسەن،
شۇ سۆيگۈم قەدىرىگە يىتەلەمسەن ،
مەن ئەسلىدە ياخشى بىر بالا ،
ئىشقىڭ بولدى ماڭا مىڭ بالا ،
يۈرەگىممۇ سەن ئۈچۈن يارا ،
سىنى دەپلا يۈرىمەن تەنھا ،
مەن ئەسلىدە غەمسىز بىر بالا ،
تۈگۈمەس دەرتكە بولدۇم مۇپتىلا ،
شۇ دەرتلەردىن ئازاد قىل مىنى
بۇلاي ساڭا مەڭگگۈلۈك ھەمراھ ،
سورىسام سەندىن سۆيگۈ بىرەلەمسەن ،
مەن كۆيگەن شۇ ئوتلاردا كۈيەلەمسەن
مەن تارتقان شۇ دەرتلەنى تارتالامسەن
شۇ سۆيگۈم قەدىرىگە يىتەلەمسەن