
作词 : Muhammatjan Rashidin
作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
قايتىپ كەلسەڭ باللىق،
يۈگۈرۈپ چىقاي ئالدىڭغا.
جىمجىت قىر-قىرلار مىنى،
ئال بالىلىق يادىىڭغا.
تال-چىۋىقنى ئات قىلىپ،
غوراڭنى ئىلىپ قاچسام.
كۆمۈش چاچلار قوينىدا،
چۆچەك باغاشلاپ ياتسام.
كەتتى يىللار بالىلىق،
بار بالىلىق سىماسى.
ئەسكە چۈشسە بالىلىق،
تۇتتى ئەجەب خۇمارى.
بالىلىقنىڭ قېشىغا،
يىللارنى تاشلاپ قاچسام.
چىقسا ۋاللەي ئالدىمغا،
دوسلاردەك قۇچاق ئاچسام.
قاق جىگدەڭنى قوماچنى،
بالىلىق ماڭا ساقلا.
بېغىڭدىكى ئالماڭنى،
باراي بالىلىق ئاقلا.
قېنىۋالاي بالىلىق،
قۇچاق ئېچىپ قايتىپ كەل.
يىل ماڭا بېرىپ قويسۇن،
بالىلارچە ئالتۇن ھەل.
2025.1.28
مەكىت