作词 : Rozi Sayit
作曲 : Ahmatjan Mamtimin
كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە
نەگە كەتتىڭ ئوغلۇم دىگۈدەك
كۆزلۈرۈمدىن ئۇچتۇڭ سەن شۇنچە
دىدارىڭنى سېغىندىمغۇ بەك
ھاياجاندا مىنىڭ ئەقىدەم
گەپ قىلغۇدەك توختىماي كىمگە
ئۆز ئۈزەمگە دەيمەن ئەي ئانا
كىرىۋەرگىن كۈندە چۈشۈمگە
چۈشلۈرۈمدە پەرۋانە بۇلۇپ
ئەتراپىمنى ئايلىنىپ يۈرگۈدەك
تىلەپ مىنىڭ مۇراد بەختىمنى
كىچە كۈندۈز ئويلاپ ياتقۇدەك