
作词 : Askar Muhtar
作曲 : Askar Muhtar
سەنئەت بىلەن ئۆمرى ئۆتكەن ،
ئەلنى سۆيگەن ئەلمۇ ھەم سۆيگەن.
ئەلدىن ئېلىپ ئەلگە تۆككەن ،
مىھرى ئاتەش چولپانلىرىم.
مىسكىنلەنىڭ دەردىگە دەرمان،
ناخشا بىلەن قالدۇرۇپ ئارمان.
بارچە ئەلنىڭ بۇلبۇلى بولغان ،
پاششا قىزدەك چولپانلىرىم.
سەردارى بوپ مۇڭ كۈيلەنىڭ،
دىلنى ئەزگەن كۈڭۈللەنىڭ،
ياشلاپ شۇنچە مىڭ كۆزلەنى ،
نۇرىكامدەك چولپانلىرىم.
ئىلى دەريا شاۋقۇنىدەك،
سادا ئەيلەپ ھەيۋەت بىلەن.
سايراپ تۇرغان گۇيا بۇلبۇلدەك،
داۋۇتجاندەك چولپانلىرىم.
مۇقام بىلەن ئەيلەپ ناۋا ،
سادا قىلىپ باغلار ئارا ،
ئاپىرىن دەپ قالغان ئاۋام،
ئابلىزكامدەك چولپانلىرىم.