
作词 : Heliq
作曲 : Askar Muhtar
ۋاي تاققا چىقىتىم كىيىك ئاتاي
دەپ موللىۋاي پاۋان بىلەن ،
دەپ موللىۋاي پاۋان بىلەن ،
ۋاي زەپ قىينالدى بۇ جېنىم ،
يىراقتىكى يارىم بىلەن .
ۋاي زەپ قىينالدى بۇ جېنىم ،
يىراقتىكى يارىم بىلەن .
ۋاي تەلپىكىم سەككىز تالا،
تۆتى قارا تۆتى ئالا.
تۆتى قارا تۆتى ئالا.
ۋاي شۇنچە كۆيسەم بىلمىدىڭ،
ۋاي باغرى تاش كۆڭلى قارا.
ۋاي شۇنچە كۆيسەم بىلمىدىڭ،
ۋاي باغرى تاش كۆڭلى قارا.
♪ ♪ ♪
ۋاي ئاخشام ئوينىغان يەردە،
ئالتۇن ئۈزۈكۈم قاپتۇ.
ئالتۇن ئۈزۈكۈم قاپتۇ.
ۋاي ئىزدىمەڭلا سورماڭلا،
ۋاي كۆڭلۈمدىكى يار ئاپتۇ.
ۋاي ئىزدىمەڭلا سورماڭلا،
ۋاي كۆڭلۈمدىكى يار ئاپتۇ.
♪ ♪ ♪
ۋاي سول يانىمدىن ئۆتكەنلە،
ئوڭ يانىمدىن ئۆتمەسۇن.
ئوڭ يانىمدىن ئۆتمەسۇن.
ۋاي بىزنى يامان دىگەنلە،
ۋاي مۇرادىغا يەتمەسۇن.
ۋاي بىزنى يامان دىگەنلە،
ۋاي مۇرادىغا يەتمەسۇن.
ۋاي مۇرادىغا يەتمەسۇن.
ۋاي مۇرادىغا يەتمەسۇن.