
作词 : Kurbanjan Kudrat
作曲 : Askar Muhtar
بارچە گۈللەردىن سىنى گۈزەل
بىلگەن ئىدىم بەختىمنىڭ گۈلى
بىرەلمىدىم شۇندىمۇ ساڭا
سۆيسەڭمۇ يار چىن دىلدىن مىنى
بىرەلمىدىم مۇھەببىتىڭگە
سەۋەپ بولدۇم كۆز ياشلىرىڭگە
ئېيتالمايمەن ئەمدى كەچۈر يار
چۈنكى قالدىم قىساسلىرىڭگە
نەۋباھارنىڭ بىر گۈلى ئىدىڭ
گۈللەرنىڭمۇ سەر خىلى ئىدىڭ
ئۇنتالمايمەن سىنى تا ئەبەد
ھۇجۇدۇمدا تېخى بار ئىدىڭ
چۆلدە قالدى باسقان قەدەملەر
دىلدە قالد قايغۇ ئەلەملەر
ئېيتاي كىمگە ئاھۇ زارىمنى
قايدا قالدى سۆيگەن يارەنلەر