
作词 : Shireli Eltekin/Abdureyim Otkur
作曲 : Shireli Eltekin
编曲 : Shireli Eltekin
ئاي جامالىڭنى كۆرۈپ ئاينىڭ قىزىكەنغۇ دىدىم
نۇر چېچېپ تۇرسا يۈزۈڭ كۆننىڭ ئۆزىكەنغۇ دىدىم
مىنىڭ جېنىم بولسۇن تەسەددۇق بىرقاراشلىرىڭغا سىنىڭ
كۆزلىرىڭنى تاڭ سەھەرنىڭ يۈلتۇزىكەنغۇ دىدىم
سۆزلىرىڭ بەلدىن لەززىز ئەنجۈر مىسالى شىرىنلىك
نامۇسى ئىپپەت بىلەن ۋىجدان سۆزىكەنغۇ دىدىم
ھەر سەھەر باسقان ئىزىڭدا كۈلسە يۈمران مايسىلار
پاھ بۇقىزنىڭ ئىزلىرى بەركەت ئىزىكەنغۇ دىدىم
ئاينىڭ قىزىكەنغۇ دىدىم قەشقەر قىزىكەنغۇ دىدىم
ئاخشىمى تالدەك ئىگىلسەڭ كىتابىڭ ئۈستىگە
دەۋرىمىز قىزلىرىنىڭ بەكمۇ ئۇزكەنغۇ دىدىم
ھەر ئىشىتكەندە سىنىڭ سازىڭ بىلەن ناخشاڭنى مەن
سورىماي تاپتىم ئىېتىڭ قەشقەر قىزىكەنغۇ دىدىم
ئاينىڭ قىزىكەنغۇ دىدىم
كۈننىڭ قىزىكەنغۇ دىدىم
قەشقەر قىزىكەنغۇ دىدىم