
作词 : Abdukadir-Ablikim
作曲 : Abdukadir-Ablikim
سىنى دىلدىن قەدىرلاپ سۆيگەنلەرنى يىغلاتما
پەرۋانەدەك ئۇتۇڭدا كۆيگەنلەرنى يىغلاتما
ئۇمۇ شۇنداق ئىنتىزار كۈيۈنۈشكە سۈيۈشكە
يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ ئۆتكەنلەرنى يىغلاتما
ئۇمۇ شۇنداق ئىنتىزار كۈيۈنۈشكە سۈيۈشكە
يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ ئۆتكەنلەرنى يىغلاتما
ئەمەس ھەرگىز گۇناھىم سىنى ياخشى كۆرگىنىم
سىنى جاندىن ئەزىزلەپ كۆرگەنلەرنى يىغلاتما
تەڭ قىلماستىن ئۆمرىدە سىنى باشقا گۈللەرگە
بۇلبۇل كەبى يېنىڭدا يۈرگەنلەرنى يىغلاتما
تەڭ قىلماستىن ئۆمرىدە سىنى باشقا گۈللەرگە
بۇلبۇل كەبى يېنىڭدا يۈرگەنلەرنى يىغلاتما