作词 : muhammatjan raxidin
作曲 : elham muhammat
编曲:Rozaji Muhammat
يوقمىدۇ / Yoqmidu
بىرتالاغا چىققىلى يار ئامالىڭ يوقمىدۇ
بارمىساممۇ كەلگۈدەك ماغدۇر جامالىڭ يوقمىدۇ
كۈندە تەنھا يۈرگىنىمنى ئەل كۆرۈپ ھەيراندىدۇر
دەيدۇ دۈشمەن ئالدىدا سۆيگەن جانانىڭ يوقمىدۇ

♬♪مــۇزىــكــا♪♬
چىقسا ھويلاڭدىن ئۇچۇپ قۇشلارغا باقتىم تەلمۈرۈپ
بىر ئۇچۇرۇڭنى بېرىپ قىلغان سالامىڭ يوقمىدۇ

ئۆز - ئۆزۈڭنى بۇنچە پىنھان تۇتقىنىڭغا نە سەۋەپ
بىر كۆرۈنمەي كەل ماڭا مەنزىل قارارىڭ يوقمىدۇ
ئۆز - ئۆزۈڭنى بۇنچە پىنھان تۇتقىنىڭغا نە سەۋەپ
بىر كۆرۈنمەي كەل ماڭا مەنزىل قارارىڭ يوقمىدۇ
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
ئاق بۇلۇتلار كەينىگە مۆككەن گويا ئايدەك بۇلۇت
چاچمىدىڭ نۇرۇڭنى ھەم كۆڭۈل ئارامىڭ يوقمىدۇ
باغقا كىرگەندەك بولاتتىم سېنى بىر كۆرگەن كۈنى
باغقا شاھىد بولغۇدەك ئالما ئانارىڭ يوقمىدۇ