
مەن سېنى سۆيىمەن
ناخشىدا: يۇلتۇز ئوسمانوۋا
ئاينىڭ نۇرىغا تەقدىم
♪
مەن سېنى سۆيىمەن غۇنچە يۈزىدە
سۆيۈشتىن تىترىگەن شەبنەم مىسالى
مەن سېنى سۆيىمەن تۈننىڭ كۆزىدە
كۈندە ئېرىگەن شاملار مىسالى
مەن سېنى سۆيىمەن تۈننىڭ كۆزىدە
كۈندە ئېرىگەن شاملار مىسالى
♪
مەن سېنى سۆيىمەن، مەن سېنى سۆيىمەن
سېنى مەن سۆيىمەن باھار گۈلىدەك
مەن سېنى سۆيىمەن، مەن سېنى سۆيىمەن
سېنى مەن سۆيىمەن تاغدىكى تۇماندەك
♪
مېنى قوغلىما زىنھار خىياللىرىڭدىن
ھېچ بولمىسا ياشاپ قالاي ئويۇڭدا
باھارنىڭ كىچىك چېچەكلىرىدىن
كۆينەكلەر كەيدۈرەي ماسلاشقان بويۇڭغا
♪
گاھى شامال بولۇپ كۈزگى بېغىڭدا
غازاڭغا تولدۇراي كوچىلىرىڭنى
ئېغىر خىياللارغا تولغان چېغىڭدا، جانىم
ئاي بولۇپ يورىتاي كېچىلىرىڭنى
♪
مەن سېنى سۆيىمەن، مەن سېنى سۆيىمەن
سېنى مەن سۆيىمەن باھار گۈلىدەك
مەن سېنى سۆيىمەن، مەن سېنى سۆيىمەن
سېنى مەن سۆيىمەن تاغدىكى تۇماندەك
♪
مەن سېنى سۆيىمەن، مەن سېنى سۆيىمەن
سېنى مەن سۆيىمەن باھار گۈلىدەك
مەن سېنى سۆيىمەن، مەن سېنى سۆيىمەن
سېنى مەن سۆيىمەن تاغدىكى تۇماندەك
مەن سېنى سۆيىمەن، تاغدىكى جەرەندەك
♪
2022.12.31
قەلبىمنى يورۇتقان ئاينىڭ نۇرىغا تەقدىم
♪